351كۈن izharBegim

يولۋاس ئىزىدىن،يىگىت سۆزىدىن يانماس~

قاتتىق دىسكىدىكى يۇيۇلغان ھۆججەتلەرنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمىز

يوللىغان ۋاقىت 3ئاي بۇرۇن / 74 قىتىم كۆرۈلدى/ 0 تال ئىنكاس/ بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار / دەرۋىش

     بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقىمىز تۈپەيلى قاتتىق دىسكىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھۆججەتلەرنى يوقىتىپ قويۇپ  ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي تىپىرلاپ قالىمىز،  بۈگۈن  بىلوگداشلار بىلەن قاتتىق دېسكىنىڭ ھۆججەت ساقلاش پرىنسىپى، ۋە  ئۆچۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى دېتاللار توغرىسىدا  توختىلىمىز . 

     سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قىزىققۇچىلار بولسا ئالدى بىلەن ھەرخىل ساقلىغۇچلارنىڭ ئۇچۇر ساقلاش پىرىنسىپى ، ھەرخىل ھۆججەت سېستىمىلىرىنىڭ ئىش پىرىنسىپى قاتارلىقلارنى بىرەر قۇر چۈشىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۈگىنىشكە كىرىشسە ئۈنۈمى تىزراق بۇلۇشى مۇمكىن،ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئوخشاش چوڭلۇقتىكى قاتتىق دىسكا تېپېپ پۈتۈن دىسكىنى سايىلەپ ئېلېۋېلېش ياكى ئۆز ئەينى كۈچۈرۋېلېش سانلىق مەلۇماتنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ،سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئىشەنچىلىك دېتال دىگەن تۇلا گەپ ، لېكىن ئۈچۈرۈلگەن ھۆججەت بىر قانچە شەرتنى قانائەتلەندۈرىشى كىرەك،ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم شەرتى  ھۆججەت قاپلىۋېتېلمىگەن بۇلۇشى كىرەك ، يەنى ئەسلى ھۆججەت ساقلانغان سېكتورغا قايتا ئۇچۇر يېزېلمىغان بۇلۇشى كىرەك ، دىمەكچىكى قاپلىۋېتېلگەن ھۆججەتنى ئەسلىگە قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى نۆل دىمەكچى.

       ھۆججەتنىڭ ئازراقلا بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلىرى قاپلىۋېتېلسە ياكى ئۆزگەرتىۋېتېلسە سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە مۇھىم سانلىق مەلۇمات بولسا پىششىق تەجرىبە ۋە تېخنىكا بولماي تۇرۇپ ھەرخىل ئۇسۇللارنى سىناپ باقمىغان ياخشى ، سىناشقا توغرا كەلسىمۇ دىسكا سايىسىغا نىسبەتەن سىناق ئېلېپ بارىمىز ، تەلەي سىناپ باقاي دىسىڭىز ئەلۋەتتە بۇلىدۇ،مەن easyrecover،  finaldata ، diskgen   قاتارلىق  دىتاللارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ھەممەيلەنگە دەيدىغان مۇھىم گەپ  مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار ئىھتىياتسىزلىقتىن يوقاپ كەتكەندە ئەڭ مۇھىم ئىش دەرھال بارلىق مەشخۇلاتنى توختىتىپ ئامال بار دىسكىغا نىسبەتەن ئۇقۇش يېزېش مەشخۇلاتى قىلماسلىق ،ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى دائىم زاپاسلاپ مېڭېش ، ئامال بار ئۇيۇل دىسكا دىگەندەك يېرېم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسالغان ساقلىغۇچلارغا ساقلىماسلىق ، مىخانىك قاتتىق دىسكىغا ساقلاپ مېڭېشنى ئادەت قىلىش ۋە ھاكازالار سانلىق مەلۇمات ئاپىتىنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشىرىدۇ ،بۇنداق بولغاندا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى بۇلىدۇ .

头像

ھەرقانداق توربىكەت ياكى سالونلارنىڭ كۆچۈرىشى چەكلىنىدۇ:
ئۇنىڭ سۆزى : ئىزھار بىلوگىغا خۇش كەپسىز.