351كۈن izharBegim

يولۋاس ئىزىدىن،يىگىت سۆزىدىن يانماس~

ئىككى خىل سېستىمىغا باۋتا قاچىلاش دەرىسلىكى

يوللىغان ۋاقىت 5كۈن بۇرۇن / 10 قىتىم كۆرۈلدى/ 0 تال ئىنكاس/ پىروگرامما / ئىزھار


باۋتا قانداق نەرسە؟

باۋتا بىر مۇلازىمىتىر باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى ، windows ۋە linux سېستىمىسىنى قوللايدۇ


نىمىشقا باۋتا ئىشلىتىمىز؟

تور كۆرگۈچ ياكى يانفۇن ئەپ دىتالى ئارقىلىقلا مۇلازىمىتىرنى كونتىرول قىلالايسىز ، مۇلازىمىتىرنى ئاسىراش ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى تاللىشىڭىز .

تور بىكەت قۇرۇش ، FTP ، ساندان ، كۆرۈنمە ھۆججەت باشقۇرغۇچ ، بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق مۇھىت ھازىرلاش ، كۆرۈنمە قىستۇرما ۋە دېتال باشقۇرغۇچ ، كۆرۈنمە مۇلازىمىتىر سەپلىمە ئىشلىتىش ئەھۋالى قارتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن...




قانداق قاچىلايمىز؟


windows مۇلازىمىتىرىگە باۋتانىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ سېستىمىڭىزغا ماس كېلىدىغان نەشىرىنى چۈشىرىسىز .

windows مۇلازىمىتىرىگە باۋتانىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ سېستىمىڭىزغا ماس كېلىدىغان نەشىرىنى چۈشىرىسىز .

1. bt.cn غا كىرىپ windows نەشىرىنى تاللاپ (立即安装) نى بېسىپ چۈشىرىمىز



2. چۈشۈرگەن بولاقنى ئېچىپ ئىچىدىكى btpanel.exe دىگەن ھۆججەتنى قوش چېكىپ يۈرگۈزۈپ ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن (立即安装) نى بېسىپ قاچىلايمىز.



3. قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن (开始使用) نى باسساق كونتىرول تاختىسى ئېچىلىدۇ.

رامكىغا ئېلىنغان كۆك رەڭلىك تور ئادىرىسى باشقۇرۇش تاختىسىنىڭ ئادىرسى

ئاستىدىكى رامكىدىكىسى ئەزالىق نامىڭىز ۋە پارولىڭىز





centos مۇلازىمىتىرىغا باۋتا قاچىلاش
(cestos كە ssh ئارقىلىق ئۇلىنىشنى بىلمىسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرۈڭ)


سەپلىمە تەلىپى:

سېستىما : +centos7.0

ئىچكى ساقلىغۇچ :512+مىگابايىت(كونتىرول تاختىسى 60 مىگابايىت ئەتىراپىدا ئىگەللەيدۇ)

قاتتىق دېسكا :300+مىگابايىت (كونتىرول تاختىسى 20 مىگابايىت ئەتىراپىدا ئىگەللەيدۇ)

قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. ssh  ئارقىلىق مۇلازىمىتىرغا ئۇلانغاندىن كىيىن ئاستىدىكى كودنى چاپلاپ ئىجرا قىلىمىز

yum install -y wget && wget -O install.sh http://download.bt.cn/install/install_6.0.sh && sh install.sh



2. خەتلەر دومىلاشقا باشلاپ ، سەل ساقلىغاندىن كىيىن (do you want install Bt-panel) -يەنى باۋتا كونتىرول تاختىسىنى قاچىلاشنى مۇقۇملاشتۇرامسەن دەپ توختايدۇ y ھەرىپىنى كىرگۈزۈپ مۇقۇملايمىز.


3. خەتلەر يەنە دومىلاشقا باشلايدۇ ، تەخمىنەن 2 مىنۇت ئىچىدە قاچىلىنىپ يېشىل رەڭلىك خەت چىقىپ توختايدۇ (قاچىلاش سۈرئىتى مۇلازىمىتىرىڭىزنىڭ تور سۈرىتىگە باغلىق ، شىياڭگاڭ ياكى چەت ئەلنىڭ مۇلازىمىتىرىغا سەل ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن)

4. قاچىلىنىش تامام .

يېشىل رامكىغا ئېلىنغىنى:

بىرىنچىسى باشقۇرۇش تاختىسىنىڭ تور ئادىرسى ، ئىككىنچىسى ئەزالىق نامىڭىز ، ئۈچۈنچىسى پارولىڭىز



مەنبە:نۇرقۇت بىلوگى

nurkut.cn

头像

ھەرقانداق توربىكەت ياكى سالونلارنىڭ كۆچۈرىشى چەكلىنىدۇ:
ئۇنىڭ سۆزى : ئىزھار بىلوگىغا خۇش كەپسىز..مەن ئىزھار قار ئالىمىز