382كۈن izharBegim

يولۋاس ئىزىدىن،يىگىت سۆزىدىن يانماس~

«يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن»html ھەققىدە چۈشەنچە

يوللىغان ۋاقىت 4ئاي بۇرۇن / 109 قىتىم كۆرۈلدى/ 1 تال ئىنكاس/ بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار / ئىزھار

يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن

HTML+CSS


مۇشۇ بابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى

 

  • HTMLھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

  • HTMLتىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

  • HTMLتىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى

  • نىمە ئۈچۈن HTMLتىلىنى ئۆگىنىمىز؟

  • نىمە ئۈچۈن HTML5تاماملانغان تۇرۇپ HTML4.01نى ئۆگىنىمىز؟

 

 


 

HTML 1.1 ھەققىدەقىسقىچە چۈشەنچە

 

  • خەنزۇچە

    ئېنگىلىزچە

    ئۇيغۇرچە

    ئاتىلىشى

    超文本标记语言

    Hyper Text Markup Language

    دەرىجىدىن تاشقىرى ھەرپ بەلگە تىلى

    HTML

  • HTML تىلى تور كۆرگۈدە ئىجرا بولىدىغان،توربەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كۆرۈنۈشىنى تۈزىدىغان تىل بولۇپ، بەت يۈزىدىكى ھەربىرئىلمېنىت مەلۇم بىر خەتكۈچ بويىچە ئىپادىلىنىدۇ.HTML تىلىباش ۋە گەۋدىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدىغان بولۇپ، باش قىسىم توربەتكەئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، گەۋدە قىسىم توربەت يۈزىدىكىئۇچۇرلارنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

    HTML 2.1 تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

  • 微信图片_20200426133006.png

  • HTML 3.1تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى 

  • ئاددىي:HTMLتىلىنىڭ نەشرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسىرى ئىشلىتىش ئاددىيلىشىپ ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.

  • كېڭەيتىلىشچانلىقى يۇقىرى: HTMLتىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، يېڭى ئىپادىلەش بەلگىلىرىنى قوشۇش ۋە ئېلېمېنتلارنى قىسمىي تۈرلەرگە ئايرىش ئارقىلىق HTMLتىلىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدىغان بولدى .

  • سۇپا تاللىمايدۇ: گەرچەHTML تىلى كومپيۇتېر تورى ئۈچۈنبارلىققا كەلگەن بولسىمۇ مەيلىIBM ئۆلچىمىدىكى كومپيۇتېر بولسۇن،ئالما كومپيۇتېرى بولسۇن ياكى ھەرخىل شەكىلدىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بولسۇن تور كۆرگۈبولسىلا زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ .

     

  • 4.1 نېمە ئۈچۈن HTMLتىلىنى ئۆگىنىمىز ؟

HTML بولسا تور كۆرگۈدە ئىجرا بولىدىغان بىرخىل پىروگرامما تىلى  بولۇپ ئارقا سۇپا پىروگراممىسىنى مەيلى قايسى تىلدا يېزىپ چىقىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر توربەت توركۆرگۈدە HTMLھۆججىتىگە ئايلىنىپ ئىجرا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن HTML تىلىتوربەت ياساشنى ئۆگەنگۈچىلەر چوقۇم بىلمىسە بولمايدىغان بىلىملەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  • 5.1 نېمە ئۈچۈن HTML5 تاماملانغان تۇرۇقلۇق HTML4.01نى ئۆگىنىمىز؟

    بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتا بويىچەچۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ :

*  گەرچەHTML5ئېلان قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، HTML5پىروگراممىرلاردىنتورغا ئالاقىدار بىرقانچە خىل پىروگرامما تىلىدىن ئاساسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

* HTML5نڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىسى 4.01HTMLبىلەن ئوخشاش  شۇنداقلا HTML4.01 دىكى نۇرغۇنلىغان خەتكۈچلەر HTML5دىمۇ ئوخشاشلا ئىشلىتىلىدۇ،شۇڭلاشقا  ئۆگەنگۈچىلەر HTML4.01ئارقىلىق تور ساھەسىگە قەدەم قويسا HTML5كە ئاساس سالالايدۇ.

* گەرچەHTML5ئېلان قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ لېكىنتوركۆرگۈلەردىكى  قوللاش يېتەرلىك ئەمەس،HTML5نىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن مۇئەييەن جەريانكېرەك. شۇڭلاشقا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن يەنىلا HTML4.01 بىرقەدەرياخشى تاللاش بولالايدۇ. بىز تۈزگەن بۇ كىتاب تور ساھەسىگە يېڭى قەدەم قويغانلارنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەچكە HTML4.01 ئاساسقىلىپ تۈزۈلدى.


 

قىسقىچە خۇلاسە

بىز بۇ باب ئارقىلىق HTMLگە نىسبەتەن دەسلەپكى تونۇشقا ئىگە بولۇشبىلەن بىرگە HTML تىلىنىڭ بارلىققا كېلىش ۋەتەرەققىي قىلىش تارىخى، بۇ تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە توربەت ياساشنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭنېمە ئۈچۈن HTMLتىلىدىن باشلاش كېرەكلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇپ، بۇنىڭدىن كىيىنكى توربەت ياساش جەريانىمىز ئۈچۈنبىرقەدەر مۇھىم بولغان نەزەرىيەۋى ئاساسىمىزنى تىكلىدۇق.


كۆنۈكمە

HTML.1 دىگەن نېمە ؟

2.HTMLتىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى قايسى؟

3.HTMLتىلىنىڭ تۇنجى قېتىم W3Cنىڭ تەۋسىيەلىك ئۆلچىمىگە كىرگىنى (      )نەشرى ؟

A:HTML3.0    B: HTML 4.0.1       C: HTML 5.0    D: HTML 1.0

头像

ھەرقانداق توربىكەت ياكى سالونلارنىڭ كۆچۈرىشى چەكلىنىدۇ:
ئۇنىڭ سۆزى : ئىزھار بىلوگىغا خۇش كەپسىز..مەن ئىزھار قار ئالىمىز
  1. 3个月前 (05-03)
    @

    رھمەت سىزگە ئۇستام،كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالدىم